UHRP ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى
Radio Free Asia | 2024.12.05
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 12-ئاينىڭ 3-كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2025-يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق جازاسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى توسۇپ، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشى ئىنتايىن مۇھىم» .
دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋ (Louisa Greve) مۇنداق سۆزى بېرىلگەن: «خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە ئۆكتىچىلەرنى نىشانلاش ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان ۋەھشىي باستۇرۇشلىرى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاساسىي ئەركىنلىككە تەھدىت سالىدۇ».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2025-يىلى 1-ئايدا ئىش باشلايدىغان دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىقىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە 119-نۆۋەتلىك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلغان: ئىرقى قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلارنى جازالاش، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى بويىچە 12 خىتاي ئەمەلدارىغا قاراتقان جازانىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 2025-يىلى 6-ئايدا ۋاقتى توشىدىغان 2020-يىلى تەستىقلانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى قايتىدىن كۈچكە ئىگە قىلىش، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى» قەتئىي ۋە تولۇق ئىجرا قىلىش.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەھشىيلىكىگە ياردەم بېرىۋاتقان DJI، داخۇا (Dahua)، خاكۋىسىن (Hikvision) يەنى خەيكاڭ قاتارلىق پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىگە كەڭ-كۆلەملىك جازا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ماقالىنى تولۇق ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uhrp-dolet-mejlisi-uyghur-qirghinchiliqi-12052024160956.html