ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ دوكلات ئېلان قىلدى

RFA 2024

Radio Free Asia | 2025.04.17

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 17-ئاپرېل «قەيەردە تۇرىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى بار: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارادىكى چوڭ مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زور كۆلەمدە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئاككور (Accor)، خىلتون (Hilton)، IHG، ماررىئوت (Marriott) ۋە ۋىندھام (Wyndham) قاتارلىق خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تېخىمۇ كۆپ مېھمانخانا قۇرۇش پىلانلىرى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2025-يىلى ئاپرېلدا ئۇيغۇر رايونىدا ئاز دېگەندە 115 خەلقئارالىق مېھمانخانا تىجارەت قىلماقتا، يەنە 74 مېھمانخانا قۇرۇلۇۋاتقان ياكى پىلانلىنىۋاتقان ئىكەن.

دوكلاتتا ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى – خىلتون (Hilton)،IHG  ۋە ۋىندھام (Wyndham) قاتارلىق ئۈچ خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى (XPCC) باشقۇرىدىغان رايونلارغا جايلاشقانلىقى بولۇپ، ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ بىڭتۇەنگە كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا يۈرگۈزگەن ئىدى.

دوكلاتتا، خىلتون (Hilton) شىركىتىنىڭ بىر ۋاسىتە شىركەت ئارقىلىق خوتەندە ۋەيران قىلىنغان مەسچىتنىڭ ئورنىدا ھامپتون خىلتون (Hilton) مېھمانخانىسىنى قۇرغانلىقى يەنە بىر چوڭ مەسىلە دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن رايوندا 10 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چاققاندىن كېيىن ۋۇجۇدقا چىققان.

ئاككور (Accor) شىركىتى بولسا، مەجبۇرىي «ئەمگەك يۆتكەش» پروگراممىسىغا چېتىشلىق بىر ۋاسىتىچى خىتاي شىركىتى بىلەن «شىنجاڭغا ياردەم» پروگراممىلىرىغا قاتناشقان H World Group Limited  ناملىق خىتايدىكى شېرىكى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا ۋە ئالتاي قاتارلىق شەھەرلەردە قۇرۇلۇشقا پىلانلىنىۋاتقان مېھمانخانىلار ماررىئوت (Marriott) نىڭ رىتز-كارلتون (Ritz_Carlton)، IHG  نىڭ ئىنتەركونتىنېنتال (InterContinental) ۋە خىلتون (Hilton) نىڭ كونراد (Conrad) قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ماركىلىرىدىن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقان رېئاللىقلىرى بىلەن كەسكىن زىتلىشىدىكەن.

دوكلاتتا، خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ – بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىجارەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقلار توغرىسىدىكى يېتەكچى پرىنسىپلىرى، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدىكى نىزاملىرى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە خىلاپلىق قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە  Booking، Expedia ۋە Tripadvisor قاتارلىق ياتاق زاكاس قىلىش سۇپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مېھمانخانىلار بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق كارخانىلارنى ۋاسىتىلىك قوللىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ دەرھال ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى ۋە كېڭىيىشىنى توختىتىپ، تىجارەت ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا، زاكاس قىلىش سۇپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق مېھمانخانىلارنى تىزىملىكلىرىدىن چىقىرىۋېتىشىنى ۋە جازالانغان تەشكىلاتلارغا باغلانغان مېھمانخانىلارنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ماقالىنى تولۇق ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uhrp-mehmanxana-uyghur-doklat-04172025165550.html