ئانالىزچىلار: «ترامپنىڭ ماركو رۇبىيو قاتارلىق كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىشى، خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال»
Radio Free Asia | 2024.11.15
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) ماركو رۇبىيونىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىنىشى، خىتاينى دەككە-دۈككىگە سالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«مېنىڭچە، ماركو رۇبىيونىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىنىشى، خىتاينى دەككە-دۈككىگە سالىدۇ. ماركو رۇبىيو خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا سۆز قىلغان كىشى. ئۇ دۆلەت مەجلىسىدىكى خىزمەتلىرى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. ھازىر تىرامپنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت بولغان ئىككى خىل ئېقىم (يەنى كۆز قاراش) مەۋجۇت. بۇنىڭ بىرى، ۋەھىمە ۋە تەھدىت قارىشى. بۇ ئېقىمدىكىلەر ترامپنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتمەي، خىتاي بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا قارشىلىشىشقا تەييارلانغان بىر ئادەم دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قاراشتىكىلەر، دونالد ترامپنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالماسلىق، مەلۇم پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىرىنچى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئىسپاتلانغان. مېنىڭچە، يەنە بىر تۈركۈم پۇرسەتپەرەسلەرمۇ بار. يەنى ترامپنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىدە مەۋجۇت بولغان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر تۈركۈم پۇرسەتپەرەسلەر بار. ئەگەر تىرامپ ئۆزىنىڭ ‹ئامېرىكا بىرىنچى› سىياسىتىنى يولغا قويسا، ‹جەنۇبىي يېرىم شار› (Global South)، يەنى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان خىتاي، بۇ نۇقتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئامېرىكانى ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋىي تەسىرىنى ئالۋاستىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ».
ماقالىنى تولۇق ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/marko-rubio-tashqi-ishlar-ministeri-11142024171111.html