ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كۆرۈنمەس تەسۋىرلىرى: يەر ناملىرىغا يانداشقان ئۆزگەرتىشلەر

Radio Free Asia | 2025.01.28
بۇ ھال قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ بىكار قىلىنىش مۇساپىسىدىمۇ ئەينەن تەكرارلانغان. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە قۇمۇل شەھىرى بىكار قىلىنغاندا، ۋىلايەتنىڭ ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك «قۇمۇل شەھىرى» دەسسىتىلگەن؛ ئەسلىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك قۇمۇل شەھىرىنىڭ نامى «ئېۋىرغول (يىجوۋ) رايونى» غا ئۆزگەرتىلگەن ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى قىلىپ بېكىتىلگەن. تارىخىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «گاۋچاڭ» ۋە «يىجۇۋ» ناملىرى خىتاينىڭ سۈي (618-581) ۋە تاڭ (618-907) دەۋرلىرىگە مەنسۇپ سالنامىلىرىدە، بولۇپمۇ تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش ئۇرۇنۇشى يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىللەردە ھازىرقى تۇرپان ۋە قۇمۇل رايونىنى كۆرسىتىدىغان خىتايچە ناملاردۇر. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات بۆلۈمى دىرېكتورى، دوكتور ھېنرى شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) بۇنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن مەزمۇندىكى نەزەرىيە بىلەن بولغان بەزى باغلىنىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:
«شۇنداق، بۇ جاھانگىرلىك ھەرقاچان قىلىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى يەر ناملىرى ھەر ۋاقىت جۇغراپىيە ۋە خەرىتىچىلىك بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەمما بىز دەۋاتقان بۇ ھادىسىلەر بىر تەرەپلىمە رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنىڭدا يەر ناملىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇش خاھىشى مەۋجۇت. چۈنكى بۇنىڭدا كىشىلەر بارا-بارا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جاينىڭ ئەسلىدىكى يەر نامى نېمە ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرىنى ئويلاشقاندا شۈبھىسىزكى ئۇ جاھانگىرلىكنىڭ زېمىن ئىشغالىيىتىنى نورماللاشتۇرۇش ۋە تەبىئىي ئەھۋال قىلىپ كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر خىتاي ئاكادېمىكلىرى بۇ خىلدىكى يەر ناملىرىنى خىتايچە يەر ناملىرىغا ئايلاندۇرغان بولسا، ئۇ ھالدا خىتايلارنى ئاشۇ يەرلەرنىڭ ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقا رول ئوينىمايدۇ. مەسىلەن، ‹شىيۈ› دېگەن سۆز ‹غەربىي يۇرت› دېگەن مەنىدە بولۇپ، جاھانگىرلىك مەزمۇنىدىكى ‹شىنجاڭ› (يېڭى چېگرا) دېگەن سۆزدىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ. بۇ خىل نام ئۆزگەرتىشى بۇ جايلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشىنى دەۋا قىلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا ئىككى خىل ھادىسە مەۋجۇت: بىرى، تارىخ داۋاسى، يەنە بىرى جاھانگىرلىك ئىشغالىيىتى ئاساسىدىكى ئەسلى كىملىكنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشى. »
ماقالىنى تولۇق ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/mulahize/uyghur-qirghinchiliq-yer-jay-namliri-01272025120250.html