مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى لوپنۇردىكى يادرو سىناق بازىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ»

Radio Free Asia | 2025.03.18
[…]ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلماقچى بولغان ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى ھەققىدە كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى:
ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت بۇ تەرەققىياتنى، يەنى بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسىنى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ دەپ سۆزلەۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ نېمىگە چېتىلىدىغانلىقى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن تونۇشلۇق بىر ئىش. بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بولۇشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بۇ بازىنىڭ قۇرۇلۇشى خۇددى لوپنۇردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىش بازىسىغا ئوخشايدۇ. بۇنى خىتاي نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جايدا قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلسا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ۋە غەزىپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۇيغۇرلار كۆپ جاينى تاللىغان. بۇ بازىنى ئۇيغۇر رايونىغا قۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىگە سىياسىي جەھەتتىن بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 2016-يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1964-يىلىدىن 1996-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تۇپراق سۈپىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشى بىلەن بىرگە يەرلىك خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە ئوخشاش ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ماقالىنى تولۇق ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/yuqumluq-kesel-03142025103417.html