مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي بېقىندىچىلىقنى ئاشۇرۇشتۇر!»

RFA 2024

2024.07.02 | Radio Free Asia

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»نىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتتە بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك  ئىش ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقان ھەر تەرەپلىمە ئالاقىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا زور دەرىجىدە زېمىن ھازىرلايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

ماقالىنى تولۇق ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xitay-ottura-asiya-iqtisad-06272024173358.html