International Uyghur Language Day 2017: Linguistic rights a cornerstone in protecting Uyghur identity

Uyghur_Alphabets

For Immediate Release

June 14, 2017 3:00 PM EST

Contact: Uyghur Human Rights Project +1 (202) 478 1920

On the occasion of International Uyghur Language Day, June 15th 2017, the Uyghur Human Rights Project (UHRP) invites all concerned individuals, human rights groups and governments to speak out against Chinese government policies aimed at undermining the linguistic rights of the Uyghur people. UHRP also encourages the international community to protect linguistic diversity as a critical aspect of building resilient ethnic minorities in an age cultural assimilation

“International Uyghur Language Day is an opportunity to celebrate the vibrancy and richness of the Uyghur language. Uyghur scientists, philosophers and poets have made remarkable contributions to humanity in their own language. Uyghurs are rightfully proud of these achievements and wish to secure a future for their children as speakers of Uyghur,” said UHRP Director Omer Kanat in a statement.

Mr. Kanat added: “As an international community, we have a responsibility to promote diversity across the globe. China has implemented a series of policies that undermine the Uyghur language with the goal of establishing Chinese as the Uyghurs’ first language. Despite guarantees in international and domestic law, the Chinese authorities have unilaterally prioritized communication in government, commerce and education among Uyghurs toward Mandarin Chinese.

In 2007 UHRP detailed how the Chinese government was implementing an education policy that effectively marginalized the Uyghur language from the education system. Despite the fact that right to develop and use minority languages is protected by Article Four of the Chinese constitution, in reality centrally formulated policies undermine and marginalize the Uyghur language. The ‘bilingual education’ policy was designed to transition Uyghur students at all levels from education in their mother tongue to education in Chinese.

At the 2014 Work Forum, Chinese officials placed ‘bilingual education’ at the center of efforts to achieve ‘ethnic mingling,’ an initiative aiming to blur the cultural distinctiveness of the Uyghur people and assimilate Uyghurs into the Chinese nation dominated by the Han culture. The Chinese government has stated that by 2020 almost the entire non-Han Chinese student population will be educated in ‘bilingual education’ schools.

In 2015, UHRP published Uyghur Voices on Education: China’s Assimilative ‘Bilingual Education’ Policy in East Turkestan. The report detailed on-going problems with the ‘bilingual education’ policy, including noticeable differences in funding and class size in Uyghur-majority schools and reports of Uyghur teachers who have lost their jobs as a result of unreasonable requirements for Mandarin language qualifications. The shortage of teachers in East Turkestan often means unqualified Han instructors are hired to fill the gap.

The discrimination against Uyghur teachers that UHRP documented in our report on Uyghur labor rights continues. In a March 30, 2017 report Xinhua detailed how “4,387 bilingual kindergartens will be built or expanded in 2017 across the region. And 10,000 bilingual teachers will be hired this year, 6,500 more compared with previous years.” UHRP believes such rapid steps toward Chinese language education at the kindergarten level will accelerate the decline in status of the Uyghur language. UHRP is concerned these measures have not included broad based and genuine consultation of Uyghur parents and communities.

On International Uyghur Language Day, UHRP calls on China to:

Realize Article 26.3 of the Universal Declaration of Human Rights:

Parents have a prior right to choose the kind of education that shall be given to their children.

Ratify the International Convention on Civil and Political Rights and implement the provisions protected in Article 27:

In those States in which ethnic, religious or linguistic minorities exist, persons belonging to such minorities shall not be denied the right, in community with the other members of their group, to enjoy their own culture, to profess and practice their own religion, or to use their own language.

Realize Article 4.4 of the Declaration on the Rights of Persons Belonging to National or Ethnic, Religious and Linguistic Minorities:

States should, where appropriate, take measures in the field of education, in order to encourage knowledge of the history, traditions, language and culture of the minorities existing within their territory.

Meet obligations set out in Article 29.1(c) of the Convention on the Rights of the Child:

States Parties agree that the education of the child shall be directed to: The development of respect for the child’s parents, his or her own cultural identity, language and values.

2017-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى: ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشنىڭ ئۇل تېشى – تىل ھوقۇقى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ئالدىدا ئۇيغۇر تىل ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىش بىر زۆرۈرىيەتتۇر

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى خاتىرىلىنىدىغان “دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى” دە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇناسىۋەتلىك بارلىق شەخسلەر، ئىنسان ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرىگە قارىتا قارشىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يەنە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۆپ تىللىق جەمئىيەتنى مەدەنىيەتلەر سىڭىشىۋاتقان دەۋردە ماسلىشىشچان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم ئىش سۈپىتىدە قوغدىشىنى دەۋەت قىلىدۇ.

“دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى” ئۇيغۇر تىلىنىڭ بايلىقى ۋە ھاياتى كۈچىنى تەبرىكلەيدىغان بىر پۇرسەت. ئۇيغۇر ئالىملىرى، پەيلاسوپلىرى ۋە شائىرلىرى ئۆز تىلى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇيغۇرلار بۇ نەتىجىلەردىن ھەقلىق ھالدا ئىپتىخارلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلىگۈچىلىرى بولۇشتەك بىر كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ” دەيدۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دېرىكتورى ئۆمەر قانات بىر باياناتىدا.

ئۆمەر ئەپەندىم قوشۇمچە قىلىپ دەيدۇكى: “خەلقارا جامائەتچىلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىنى بىرىنچى تىل سۈپىتىدە قوللاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇر تىلىنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى خەلقارا ۋە دۆلەت ئىچى قانۇنلىرىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرگە قارىماستىن، ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت، سودا ۋە مائارىپتىكى تىل ئالاقىسىنى خىتاي تىلىدا قىلىشىنى ئەۋزەللەشتۈردى.”

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سېستىمىسىدىن ئۈنۈملۈك ھالدا چەتتە قالدۇرغان مائارىپ سىياسىتىنى قانداق يۈرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي پايان بەرگەن. ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلىتىش گەرچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدا قوغدالغان بولسىمۇ، مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزۈلگەن سىياسەتلەر ئۇيغۇر تىلىنى دەپسەندە قىلماقتا ۋە چەتتە قالدۇرماقتا. ئاتالمىش “قوش تىل” مائارىپ سىياسىتىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەممە دەرىجىدە ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيلىنىشتىن خىتاي تىلىدا تەربىيلىنىشكە يۆتكەش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن.

2014-يىللىق خىزمەت مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى “قوش تىل مائارىپى”نى “مىللىي ئارىلاشتۇرۇش”نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پىلان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتى ھۆكۈم سۈرىدىغان خىتاي دۆلىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىغا بارغاندا خىتاي بولمىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن “قوش تىل مائارىپى” مەكتەپلىرىدە تەربىيىلىنىدۇ دەپ بايان قىلغان.

2015-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپتىكى ئاۋازى: خىتاينىڭ شەرقىي تۈكىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە “قوش تىل مائارىپى” سىياسىتى’ تېمىلىق دوكلاتنى نەشر قىلغان. دوكلات ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان مەكتەپلەرگە ئاجرىتىلغان ئىقتىسادىي مەبلەغ ۋە دەرسخانا چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتلەردىكى روشەن پەرقلەر ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى ئۆلچىمىگە چۈشۈشتەك يولسىز تەلەپلەر تۈپەيلىدىن خىزمەتلىرىدىن ئايرىلغانلىق خەۋەرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان “قوش تىل مائارىپى” سىياسىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان ھەرخىل مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك لاياقەتسىز خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىشلەپ چىققان “ئۇيغۇر ئەمگەك ھوقۇقلىرى” ناملىق دوكلاتتا بايان قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش ئۆزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شىنخۇئا 2017-يىلى پۈتكۈل رايوندا 4387 قوش تىل يەسلىسىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى ياكى كېڭەيتىلىدىغانلىغى، 10000 قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ خىزمەتكە ئېلىنىدغانلىقى، بۇ ساننىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 6500 ئادەم ئاشقانلىغىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يەسلى قاتلىمىغا قارىتىلغان خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ بۇ خىل سۈرئەتتە ئېلىنغان قەدەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ قاتار چارىلەرنىڭ كەڭ ئاتا-ئانىلار ۋە جامائەتچىلىكنىڭ ھەقىقىي پىكرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىغى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنى ئەنسىرەتمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاينى مۇنۇ نۇقتىلارغا چاقىرىدۇ:

“دۇنياۋىي ئىنسان ھوقۇقلىرى خىتاپنامىسى” نىڭ 26.3-ماددىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش

ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ قانداق مائارىپتا تەربىيلىنىشىنى تاللاشتا ئەڭ ئەۋزەل تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە

“خەلقئارالىق گىراجدانلىق ۋە سىياسىي ھوقۇق كېلىشىمى”نى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە 27-ماددىدا قوغدالغان ماددىلارنى يۈرگۈزۈش

مىللىتى، دىنى ۋە تىلى ئايرىم بولغان رايۇنلاردا شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان كىشىلەر ئۆز جامائەتچىلىكى ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى، دىنىنى ۋە تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقىدىن چەكلەنمەسلىگى لازىم.

“مىللىتى، دىنى ۋە تىلى ئايرىم بولغان كىشىلەر ھوقۇقى خىتاپنامىسى”نىڭ 4.4-ماددىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش

دۆلەت، مۇۋاپىق ھالدا، مائارىپ ساھەسىدە چارە – تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، ئۆز تېررىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تارىخى، ئورپ – ئادىتى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى بىلىملەرگە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك

“بالىنىڭ ھوقۇقى كېلىشىمى”نىڭ 29.1 (س) – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش

دۆلەتلەر ۋە پارتىيىلەر ماقۇل بولىدۇكى، بالىنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا، مەدەنىي كىملىگىگە، تىلىغا ۋە قىممەت قارىشىغا بولغان ھۆرمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆلۈنۈشىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك