قاچار ماكانى يوق ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى

August 13, 2021

ئاساسىي مەزمۇنى

مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ قارشى پىكىرلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن چېگرا سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشانلاش ۋاستىلىرىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى. خىتاينىڭ دۇنياۋى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قانداق شەكىلدە ۋە قانچىلىك دەرىجىدە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىش ئۈچۈن، ئوكسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرى قاتارلىق ئاممىۋى مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ئاتلاپ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى توپلىدى.

1997-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭ كۆلىمى دۇنيا مىقياسىدا 28 دۆلەتكە يەتكەن. خىتاينىڭ دۆلەت ئاتلاپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1997-يىلىدىن 2021-يىلى 3-ئايغىچە جەمئىي 1546 قېتىم تۇتۇش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا مىقياسىدا تىزگىنلەش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۆلىمى ھەققىدە مۇھىم تونۇشقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. بىز توپلىغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئاز دېگەندە 28 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى ۋە تەھدىت سېلىشىغا شېرىك بولغان. بۇ خىل ئەھۋال ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا 647 قېتىم؛ جەنۇبىي ئاسىيادا 665 قېتىم يۈز بەرگەن. مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە 1151 قېتىم تۇتۇلغانلىقى ۋە 395 قېتىم چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ياكى خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2017-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ دۆلەت ئاتلاپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئىزچىل زورايدى ۋە تېزلەشتى. بۇنىڭدىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى باستۇرۇش ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 1997-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئاساسلىقى جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 9 دۆلەتتىن جەمئىي 89 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇلغان ياكى خىتايغا قايتۇرۋېتىلگەن. ئىككىنچى باسقۇچتا (2013-2008)، 15 دۆلەتتە 130 شەخس باستۇرۇلغان. نۆۋەتتىكى ئۈچىنچى باسقۇچتا (2014-يىلىدىن بىز سانلىق مەلۇمات توپلاشنى ئاخىرلاشتۇرغان 2021-يىلى 3-ئايغىچە) بولسا، 20 دۆلەتتىن جەمئىي 1327 كىشى تۇتۇلغان ياكى قايتۇرۇلغان. بەلكىم خەۋەر قىلىنمىغان ئەھۋاللار تېخىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. بىز پەقەتلا ئاشكارىلانغان مىساللارغا تايىنىپ باستۇرۇشىنىڭ بىلىنگەن قىسمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ساھىبخان ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قويۇق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بارلار ھەر دائىم خىتاينىڭ چەتئەلدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا شېرىك بولىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىك قائىدە-تۈزۈملەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك دۇنياۋى مۇستەبىتلىك خاھىشىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىش ئەخلاقىي زۆرۈرىيەتتۇر، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى… دېگەندەك خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەزكۇر دوكلاتتا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى، ئاساسىي رولچىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوللىنىلغان ئۇسۇللار بايان قىلىنىدۇ. شۇنداقلا خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ھەرىكەتنىڭ سالمىقىنى قانداق قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرققە يۆتكىگەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ.

خىتاينىڭ دۇنياۋى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوكسۇس جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

نورمىلارنى كۆپەيتىش ۋە تەرتىپلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئۈچىنچى دۆلەتتىن ئايرىلىشىغا ئىمكان يارىتىش.

تېگىشلىك قانۇنىي تەرتىپلەردىن ئۆتمەي تۇرۇپ، ئاجىز توپلۇملارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش.

دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاشنىڭ بەدىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئاشۇرۇش.

Related Research

Surveillance Tech Series: DJI’s Links to Human Rights Abuses in East Turkistan

Twenty Years for Learning the Quran: Uyghur Women and Religious Persecution

Genocide Tours: European Travel Companies in East Turkistan

Policing East Turkistan: Mapping Police and Security Forces in the Uyghur Region

FEATURED VIDEO

Atrocities Against Women in East Turkistan: Uyghur Women and Religious Persecution

Watch UHRP's event marking International Women’s Day with a discussion highlighting ongoing atrocities against Uyghur and other Turkic women in East Turkistan.

Play Video